TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:11

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ.

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئۇنى چەت يول بىلەن يۆتكىگەندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە چۈشۈپ كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈردى. ئۇ كىچىكلەردىن تارتىپ چوڭلارغىچە شەھەردىكىلەرنى ئۇردى، ئۇلار ھۈررەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى.

سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى-پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى.

چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ!

مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم.

ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا.  

بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى،

قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛   

مانا مۇشۇنداق كىشىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلار، بوراندىن ھەيدىلىپ يۈرگەن تۇمانلارغا ئوخشايدۇ؛ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك زۇلمەتنىڭ قاپقاراڭغۇلۇقىدا جاي ھازىرلاپ قويۇلغان.