TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:43

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر بىرلا ئادەمنى ئېتىقادىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى كېزىپ چىقىسىلەر. بىراق ئۇ كىشى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى ئۆزلىرىڭلاردىن ئىككى ھەسسە بەتتەر بولغان دوزاخنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر.

«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر.

بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ،

بىراق يەھۇدىيلار خۇدادىن قورققان يۇقىرى تەبىقىلىك ئاياللارنى ھەم شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى قۇترىتىپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباسقا زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلار ئىككىسىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.   

ئۇلار ئۇ يەرلەردە مۇخلىسلارنىڭ قەلبلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇنداقلا: ــ بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشتە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز مۇقەررەر بولىدۇ، ــ دەپ نەسىھەت قىلدى.

[يەھۇدىيلارنىڭ] ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا قوشۇلدى؛ شۇنداقلا خۇدادىن قورقىدىغان گرېكلەردىن زور بىر توپ ئادەملەر ۋە ئاز بولمىغان يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ شۇنداق ئىشەندى.  

بىراق بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېتىقاد قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئارېئوپاگۇس» كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيونىسىيۇس ۋە دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال، شۇنىڭدەك باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى. روسۇل پاۋلۇسنىڭ خۇش خەۋەرنى جاكارلىغان -2سەپىرى

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بېكىتتى. ئۇ كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگەنىدى؛ ئۇ تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇلارغا [سۆز-كالامنى] شەرھلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە تولۇق گۇۋاھلىق بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەيسا توغرۇلۇق قايىل قىلىشقا كۈچىدى.   

ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز.

[ئۇلارنىڭ تاللىنىشى] شاپائەت بىلەن بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرىنىڭ ئەجىر-ئەمىلى بىلەن بولغان ئەمەس. ئەمەللەردىن بولغان بولسا، شاپائەت شاپائەت بولماي قالاتتى.  

ئەمدى [خۇدانىڭ] ھەمكارلىرى سۈپىتىدە سىلەردىن ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بىكارغا كەتكۈزمەڭلار دەپ ئۆتۈنىمىز

ئەي تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ھەققانىي ئادەم قىلاي دېگەنلەر، ھەربىرىڭلار مەسىھدىن ئايرىلىپ، مەھرۇم بولۇپ، [خۇدانىڭ] شاپائىتىدىن چىقىپ، يىقىلىپ ئۇنىڭدىن قالدىڭلار.

قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى.  

(ئەگەر سىلەر ئېتىقادتا ئۇل سېلىنىپ مۇستەھكەم تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئۈمىدتىن نېرى قىلىنمىساڭلار)؛ بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى كائىناتتا جاكارلانغان؛ مەنكى پاۋلۇس ئۇنىڭغا خىزمەتچى قىلىندىم.  

[بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشتىكى] مەقسىتىمىز، ھېچكىمنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەن مۇشۇ زەخمەت-قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن [ئېتىقادتا] تەۋرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۆزۈڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن، دەپ بىلىسىلەر.

ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛

شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرخىل غەيرىي تەلىملەر بىلەن ئېزىقتۇرۇلۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى ئىنساننىڭ قەلبى [قۇربانلىققا خاس] يېمەكلىكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلار ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا كۆرگەن ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، [شۇ تاپتا] خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار.

ئەمىسە، ئى ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئۇنىڭدا تۇرۇپ ياشاۋېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ ھەرقاچان قايتىدىن ئايان بولغاندا قورقماس بولىمىز ھەم ئۇ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ خىجالەت بولۇپ قالمايمىز.