زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛ ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:47
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە ھەققانىيلار روناق تاپىدۇ؛ ئاي يوق بولغۇچە تىنچ-ئامانلىق تېشىپ تۇرىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى.
بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ
قاراڭلار، مانا مەن يۆلەيدىغان ئۆز قۇلۇمغا! جېنىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان مېنىڭ تاللىغىنىم؛ مەن ئۆز روھىمنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرگە ھۆكۈم-ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن.
ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛
ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار.
ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ [ئەجرىنى] كۈتۈپ تۇرمايدۇ.
ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.
ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر.
بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى.
دېمەك، مەسىھ جەزمەن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، تۇنجى بولۇپ ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى بولۇپ [يەھۇدىي] خەلقىگە ھەم پۈتكۈل ئەللەرگىمۇ يورۇقلۇق جاكارلايدۇ.