«دەل بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ. مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ بېشىڭنى كېسىپ ئالىمەن؛ مەن لەشكەرگاھدىكى فىلىستىيلەرنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالالاردىكى يىرتقۇچلىرىغا يەم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل جاھان ئىسرائىلدا بىر خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
TSK
TSK · دانىيال 3:27
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
پەرۋەردىگارغا [تەئەللۇقىنى] بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر!
سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تونلىرى، ئىشتانلىرى، سەللىلىرى ۋە باشقا لىباس كىيىملىرى سېلىنمىغان ھالدا باغلىنىپ دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلاندى.
سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر.
چۈنكى [ئاگرىپپا] ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بار. مەن ئۇنىڭغا يۈرەكلىك بىلەن ئوچۇق سۆزلەۋاتىمەن، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن. چۈنكى بۇ ئىش بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا قىلىنغان ئەمەس!
دەھشەتلىك ئوتنىڭ يالقۇنىنى ئۆچۈردى، قىلىچنىڭ تىغىدىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، يات ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرىنى تېرى-پىرەڭ قىلدى.