TSK

TSK · دانىيال 3:7

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇنىڭ بىلەن زور ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن جاھاننى ئازدۇرغۇچى ھېلىقى قەدىمىي يىلان يەر يۈزىگە تاشلاندى. ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشلاندى.

يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ــ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان بوغۇزلىنىپ بولغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلمىغانلار بولسا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.  

سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ. يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ــ دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ئىسىملىرى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.