پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ.
TSK
TSK · دانىيال 3:8
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ.
ئاندىن ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ پەرمان توغرىسىدا گەپ ئېچىپ: ــ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى: ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھدىن ياكى ھەرقانداق ئىنساندىن بىرەر نېمىنى تىلىگەن ھەرقانداق كىشى شىرلار ئۆڭكۈرىگە تاشلانسۇن، دېگەن بىر پەرمانغا ئىمزا قويغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. پادىشاھ: ــ دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، مېدىئا ۋە پارس قانۇنى بويىچە پەرماننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ــ دېدى.
ئۇلار ئىككىيلەننى سوراقچى ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: ــ بۇ ئادەملەر يەھۇدىيلار بولۇپ، شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە.
لېكىن سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار. چۈنكى ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ [سەن تەۋە بولغان] بۇ مەزھەپكە قارشى سۆزلەۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! ــ دېيىشتى.