TSK

TSK · دانىيال 5:2

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

داۋۇت ئۇنىڭغا: قورقمىغىن، ئاتاڭ يوناتان ئۈچۈن، ساڭا شاپائەت قىلماي قالمايمەن؛ بوۋاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي، سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن ــ دېدى.

نېبوقادنەسار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەزىنىلەر بىلەن پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەرنى ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار ئاگاھ بەرگىنىدەك، ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ياساتقان ھەممە ئالتۇن قاچا-ئەسۋابلارنى كېسىپ سۆكتى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا رەھوبوئام يەنە ئابشالومنىڭ [نەۋرە] قىزى مائاكاھنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شېلومىتلارنى تۇغۇپ بەردى.

يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى.   

بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ.

داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى.

ئۇلار شاراب ئىچكەچ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلەشتى.

شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى، پادىشاھ دانىيالدىن ــ: ــ پادىشاھ ئاتام يەھۇدا ئۆلكىسىدىن سۈرگۈن قىلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ھېلىقى دانىيال سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى،

ئەكسىچە تەكەببۇرلىشىپ ئەرشتىكى رەبگە قارشى تۇردىلا. سىلى ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىن ئولجا ئالغان جام-قاچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇنلىرى ۋە كېنىزەكلىرىمۇ ئۇلاردا شاراب ئىچتىڭلار ئاندىن كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان ۋە ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيىلىدىلە. ھالبۇكى، سىلىنىڭ نەپەسلىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان ۋە سىلىنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.