چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن.
TSK
TSK · يارىتىلىش 28:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.
موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛
شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى.
ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار!
ئاندىن خۇدا ياقۇپقا: ــ سەن ھازىر بەيت-ئەلگە چىقىپ، شۇ يەرنى ماكان قىل، ئۆزۈڭ ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا ساڭا كۆرۈنگەن [مەن] تەڭرىگە بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، ــ دېدى.
ئۇ شۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياسىدى؛ ئاكىسىدىن قېچىپ ماڭغىنىدا شۇ يەردە خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ جاينىڭ ئىسمىنى «ئەل-بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.
ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى.
ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن.
خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن.
ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر.
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن»، ــ دېدى،
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا، [خۇدا] ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، [خۇدا] بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى.