لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ.
TSK
TSK · يارىتىلىش 48:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛
ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى.
ئىسرائىلنىڭ كۈنلىرى سەكراتقا يېقىنلاشقاندا، ئوغلى يۈسۈپنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا شاپائەت ۋە ساداقەتلىكنى كۆرسىتىپ، مېنى مىسىردا دەپنە قىلما؛
يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى.
مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى.
مانا ساڭا: ــ جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بول، دەپ بۇيرۇغانىدىمغۇ؟ شۇڭا ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمە، يۈرەكسىز بولما؛ چۈنكى قەيەرگە بارساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بىلەن بىرگىدۇر.
مانا، مەن بۈگۈن بارلىق ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولنى ماڭىمەن؛ سىلەرنىڭ پۈتۈن دىلىڭلار ۋە ۋۇجۇدۇڭلارغا شۇ روشەنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەر توغرۇلۇق قىلغان مۇبارەك ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمىدى؛ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن بەجا كەلتۈرۈلۈپ، ھېچقايسىسى يەردە قالمىدى.
«ئەمدى يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بارىدىغان يول بىلەن كېتىمەن. يۈرەكلىك بولۇپ، ئەركەكتەك بولغىن!
ئېسىلزادىلەرگىمۇ، ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار، ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.
«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛
چۈنكى ئۆزۈمگە كەلسەم، جېنىم قۇربانلىقنىڭ «شاراب ھەدىيە»سىدەك تۆكۈلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى، مېنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىش ۋاقتىممۇ يېقىنلاشتى.
بۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچىلار ئۆلىدىغان ئادەملەردىندۇر؛ ئۇ يەردىكى «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى قوبۇل قىلغۇچى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] «ئۇ ھايات ياشىغۇچى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەندۇر.
چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن.