TSK

TSK · يەشايا 21:1

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ، ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ.

ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار [جەڭگە] يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ.

مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ.

ــ ۋە ئۇنى ھۇۋقۇشنىڭ ماكانىغا، سازلىقلارغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھالاكەت سۈپۈرگىسى بىلەن ئۇنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.  

«ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن.

دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان دولقۇنلار بىلەن غەرق بولدى.

ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.  

ئاخىر زامان كەلگەندە، جەنۇبىي پادىشاھ ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇن كېمىلەر بىلەن قۇيۇندەك ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇ بارلىق يۇرتلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، كەلكۈندەك تېشىپ كەڭ يەر-زېمىنلارنى باسىدۇ.