سىلەر بابىل پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق ماقال-تەمسىلنى ئېيتىسىلەر: ــ «قارا، بۇ جازانىخور قانداق ھالاك بولدى، تالان-تاراج قىلىپ ئالتۇن توپلىغۇچى قانداق يوقالدى!
TSK
TSK · يەشايا 21:9
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۈغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار.
بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى.
ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى!
ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار، ئەللەر ئارىسىدا كاناي چېلىڭلار؛ بابىلغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار؛ ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىناز پادىشاھلىقلىرىنى چاقىرىپ يىغىڭلار؛ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچى قوشۇنلارغا بىر سەردار بېكىتىڭلار؛ ئاتلارنى توپ-توپ چېكەتكە لېچىنكىلىرىدەك زېمىنغا تۈركۈملەپ چىقىرىڭلار؛
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن بابىلدىكى ئويما مەبۇدلارنى جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۇنىڭ ئىچىدە يىقىلىدۇ؛
ۋە: «مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان كۈلپەتلەر تۈپەيلىدىن، بابىل [شۇ تاشقا] ئوخشاشلا غەرق بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىمەيدۇ؛ ئۇلار ھالىدىن كېتىدۇ» ــ دەيسەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.
پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى!