مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ.
TSK
TSK · يەشايا 60:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.
ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ.
چۈنكى [ياقۇپ] قولۇمنىڭ ئىشلىگەن ئەمىلى بولغان، ئۆز ئارىسىدا تۇرغان ئەۋلادلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇلار نامىمنى مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلايدىغان، ياقۇپنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىنى پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن قورقىدىغان بولىدۇ.
مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ.
ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟ ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟
ئاتاڭلار ئىبراھىمغا، سىلەرنى تۇغۇپ بەرگەن ساراھقا نەزەر سېلىڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇنى يالغۇز چېغىدا چاقىردىم، ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدىم، ھەم ئۇنى ئاۋۇندۇردۇم.
ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر!
زىئوندىكى ھەسرەت-قايغۇ چەككەنلەرگە، كۈللەرنىڭ ئورنىغا گۈزەللىكنى، ھەسرەت-قايغۇنىڭ ئورنىغا سۈركىلىدىغان شاد-خۇراملىق مېيىنى، غەشلىك-مەيۈسلۈك روھىنىڭ ئورنىغا، مەدھىيە تونىنى كىيدۈرۈشكە مېنى ئەۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىيلىقنىڭ چوڭ دەرەخلىرى»، «پەرۋەردىگارنىڭ تىككەن مايسىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقى ئايان قىلىنىدۇ.
سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ.
مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن.
شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن.
مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ.
ئىسرائىلنىڭ قالدىسى نە قەبىھلىك قىلمايدۇ، نە يالغان سۆزلىمەيدۇ، نە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئالدامچى تىل تېپىلمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئوزۇقلىنىپ، ياتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.
مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر.
باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛
چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.
لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر.
غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.