TSK

TSK · ياقۇپ 2:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى.

سىسېرا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، ئۇ [ئۆلۈكتەك] ياتتى، ئۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىلىقىغا قىيسايدى، ئۇ يىقىلدى، قىيسايغان يەردە ئۇ يىقىلىپ، جان بەردى.

ۋاپادار-مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار-مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛

مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس.

پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

قەبىھلىكنى كەچۈرىدىغان، ئۆز مىراسى بولغانلارنىڭ قالدىسىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ئۆتىدىغان تەڭرىدۇرسەن، ئۇ ئاچچىقىنى مەڭگۈگە ساقلاۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. كىم ساڭا تەڭداش ئىلاھدۇر؟  

بىراق باشقىلارنىڭ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلەر، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ گۇناھ-سەۋەنلىكلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ.

لېكىن چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە يۈز دىنار قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكار بۇرادىرىنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى بوغۇپ تۇرۇپ: «قەرزنى تۆلە!» دەپتۇ.

ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر.

بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى.  

مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى.

مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.