TSK

TSK · ئايۇپ 12:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن.

ــ يىزەبەل توغرىسىدىمۇ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «يىزرەئەلنىڭ سېپىلىنىڭ تېشىدا ئىتلار يىزەبەلنى يەيدۇ.

ئاندىن ئۇ ئۆيگە كىرىپ يەپ-ئىچكەندىن كېيىن: بۇ لەنىتى ئايالنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنى دەپنە قىلىڭلار. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدۇر، دېدى.

چۈنكى [خۇدا] مېنىڭ ھايات رىشتىمنى ئۈزۈپ، مېنى جاپاغا چۆمدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئادەملەر ئالدىمدا تىزگىنلىرىنى ئېلىۋەتكەن.

ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛

سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن، سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛ ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ.

شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار يۇقىرىدا تۇرغان قوشۇنلارنى يۇقىرىدا، ۋە يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى يەر يۈزىدە جازالايدۇ.

ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.

ئۇلارغا چۈشىدە ھېرودنىڭ يېنىغا بارماسلىق توغرىسىدىكى ۋەھىي كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى.