TSK

TSK · ئايۇپ 21:2

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ.

مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.

تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟

سەندەك ئادەملەر قاچانغىچە مۇنداق سۆزلەرنى توختاتمايسىلەر؟ سىلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىز سۆز قىلىمىز.

ئى ئايۇپ، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ئۈنۈڭنى چىقارما، مەن يەنە سۆز قىلاي.

نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟ گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار، كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛