TSK

TSK · ئايۇپ 21:22

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

قارا، [خۇدا] ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،  

ئۇنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى يەر-زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن كۆپ، ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ئۆگىتىدىغىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟

كىم ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يولنى بېكىتىپ بەرگەنىدى؟ ۋە ياكى ئۇنىڭغا: «يامان قىلدىڭ؟» دېيىشكە پېتىنالايدۇ؟

«ھەممىگە قادىر بىلەن دەۋالاشىدىغان كىشى ئۇنىڭغا تەربىيە قىلماقچىمۇ؟ تەڭرىنى ئەيىبلىگۈچى كىشى جاۋاب بەرسۇن!» ــ دېدى.

كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،

كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟ كىم ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولۇپ ئۆگەتكەن؟

ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي! ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس! سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ «سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە، ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟

«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-مۇددىئالىرىنى چۈشىنىپ يەتتى؟ كىممۇ ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىدى؟»  

پەرىشتىلەر ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولغانىكەن، بۇ ھاياتتىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش قانچىلىك ئىش ئىدى؟

[ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا.

مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.