TSK

TSK · يۇھاننا 10:8

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.   

ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟

پەرۋەردىگار خۇدايىم مۇنداق دەيدۇ: ــ بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن پادىنى باققىن!

بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.

مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.