TSK

TSK · يۇھاننا 3:31

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.

ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!

سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟

چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.

ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەر تۆۋەندىندۇرسىلەر، مەن يۇقىرىدىندۇرمەن. سىلەر بۇ دۇنيادىندۇرسىلەر، مەن بۇ دۇنيادىن ئەمەسمەن.

خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛

دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛

شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا [خۇدا] ئېيتقىنىدەك: ــ «ئۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى، [ئىنسانلارنى] تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۇ ئۆزى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى، ھەم ئىنسانلارغا ئىلتىپاتلارنى تەقدىم قىلدى».  

بىرىنچى ئەھدىدە مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى ۋە يەر يۈزىگە تەۋە بولغان بىر مۇقەددەس ئىبادەت جايى بار ئىدى.

(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسى ئۈستىگە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نام يېزىلغانىدى.