TSK

TSK · يۇھاننا 7:24

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

شۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى سوراقچىلارغا: «قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىكى ئەرز-دەۋالارنى سوراڭلار، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە پۇقرايىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ياقا يۇرتلۇقلار ئوتتۇرىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىڭلار؛

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟ ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟

ئىنساپسىزلىقنى قانۇنغا ئايلاندۇرىدىغان، ئاچ كۆز ئولتۇرغان بىر تەخت، سەن بىلەن ئالاقىدە بولامدۇ؟

بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر: ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.   

ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ.

قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار.  

لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر.