مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:19
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى.
خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس؛ بىراق ئاتىنىڭ قۇچىقىدا تۇرغۇچى، يەنى بىردىنبىر ئوغۇل ئۇنى ئايان قىلدى.
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ.
ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.
ئى ھەققانىي ئاتا، بۇ دۇنيادىكىلەر سېنى تونۇمىغان، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن ۋە بۇلارمۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلدى.
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.
تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي،
ئۇ بولسا كۆرۈنمەس خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازىدۇر، پۈتكۈل كائىناتتىكى تۇنجىدۇر؛
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!