ئەگەر بىرى [ئەرش] پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:37
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى.
ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!
لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.
بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.
خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ [دەيدۇ پەرۋەردىگار]».
شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن.