كل أسفار مۇقەددەس كىتاب

يۇنۇس 2

مۇقەددەس كىتاب · الأصحاح 2

4 أصحاحات

مۇقەددەس كىتاب / يۇنۇس / الأصحاح 2

مۇقەددەس كىتاب · الأصحاح 2

1 يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: —

2 «مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم، ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى. مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم، سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.  

3 چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ، كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى، سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛

4 ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛ بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم.

5 سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى، دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛ دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى.

6 مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛ يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛ ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم.

7 جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم، دۇئايىم ساڭا يېتىپ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى.

8 بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ.

9 بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛ مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن. نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!»

10 پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى.