ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى [ھۆرمەت بىلەن] ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن.
TSK
TSK · باتۇر ھاكىملار 21:4
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن مۇشۇ قورغاننىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان، بەلگىلەنگەن رەسىم بويىچە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئىككىنچى بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىۋەتكەن ئاشەراھنىڭ پارچىلىرىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، ــ دېدى.
شۇ كۈنى گاد داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: بېرىپ يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىغىن، دېدى.
شۇ كۈنى پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ مۇقەددەس قىلىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى سۇندى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مىس قۇربانگاھ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قوبۇل قىلىشقا كىچىك كەلدى.
مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ.