TSK

TSK · لاۋىيلار 21:11

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سىلەر ئۆلگەنلەر ئۈچۈن بەدىنىڭلارنى زەخىم يەتكۈزۈپ تىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق گۈل-سۈرەت چەكمەڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.

ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي، بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى.

ئۇ توپلاشقان خالايىققا داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، مانا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى.

ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس.