TSK

TSK · لاۋىيلار 21:22

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.

ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ [قۇربانلىق] «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالغان ئوغۇللىرى ئەلىئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەردىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەنى ئېلىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىدا ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا يەڭلار؛ چۈنكى ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

قوزا بولسا مۇقەددەس بىر جاينىڭ ئىچىدە گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلانسۇن؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولسا گۇناھ قۇربانلىقىغا ئوخشاش، كاھىنغا تەۋە بولۇپ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» سانىلىدۇ.  

كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن.

بۇلارنى ئۇ ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر شابات كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزسۇن؛ بۇ ئەبەدىي بىر ئەھدىدۇر.

ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ.

ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ.