TSK
TSK · لۇقا 21:23
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ.
«يات ئەللىكلەر»نىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا سۆزلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز چېكىگە يەتكۈزمەكتە؛ لېكىن غەزەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا تولۇقى بىلەن چۈشۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس،
ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار.