پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر،
TSK
TSK · لۇقا 5:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».
ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەي!
بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.
مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن.
ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ.
ــ ئۇ يەنە بىزگە قاراپ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ قەبىھلىكلىرىمىزنى ئۇ دەسسەپ چەيلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى دېڭىز تەگلىرىگە تاشلايسەن.
شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلدى! ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا، ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار!
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى.
ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.
كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە،