TSK

TSK · ماركۇس 14:7

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار،

ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛  

ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ.

مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا تۇرىۋەرمەيمەن؛ لېكىن ئۇلار بۇ دۇنيادا قالدى ۋە مەن سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى ساقلىغىنكى، بىز ئىككىمىز بىر بولغىنىمىزدەك، ئۇلارمۇ بىر بولغاي.

بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ [ھاجەتمەن] بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.

ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما [ئۇنىڭدا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ [بۇنداق] ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟