مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن.
TSK
TSK · ماركۇس 4:5
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەزاكىيال 11:19
TSK
ھوشىيا 10:12
TSK
ئۆزۈڭلارغا ھەققانىيلىق بىلەن تېرىڭلار، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ھوسۇل ئالىسىلەر؛ بوز يېرىڭلارنى چاناپ ئېچىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، ــ تا ئۇ ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنى ياغدۇرغۇچە!
ماتتا 13:5
TSK
بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ،
ماركۇس 4:16
TSK
بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
لۇقا 8:13
TSK
تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ.