ئەمدى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش كاھىن قايافانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللارمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى.
TSK
TSK · ماتتا 21:39
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟
بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى.
مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ [ۋالىي پىلاتۇستىن] ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار.
سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟
پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،
سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.