ئاندىن كېيىن ئابرام تەدرىجىي كۆچۈپ، جەنۇبىدىكى نەگەۋ رايونىغا قاراپ يۆتكەلدى.
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:17
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سىددىم ۋادىسىدىكى ھەممىلا يەردە قارىماي [ئورەكلىرى] بار ئىدى. سودوم ۋە گوموررانىڭ پادىشاھلىرى قېچىپ، ئورەكلەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەمما قالغانلار بولسا تاغقا قېچىپ كەتتى.
ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى.
لېكىن تاغدا تۇرغان ئامورىيلار سىلەرگە قارشى ئاتلىنىپ، بىر توپ ھەرىلەردەك سىلەرنى تاكى خورماھغىچە قوغلاپ، سېئىردا سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
بۇ تەرىقىدە يەشۇئا شۇ پۈتۈن يۇرتنى، يەنى تاغلىق رايوننى، جەنۇبىي نەگەۋ يۇرتىنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، داۋاندىكى يۇرتلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، ھەممە يۇرتنى ئىشغال قىلىپ بارلىق پادىشاھلىرى بىلەن مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ئۇ ھېچكىمنى قويماي، بەلكى نەپەسى بارلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتلەق يوقاتتى.
ئاندىن يەھۇدالار چۈشۈپ، تاغلىق رايون، جەنۇبدىكى نەگەۋ ۋە شەفەلاھ ئويمانلىقىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بىلەن سوقۇشتى.
پەرۋەردىگار يەھۇدا بىلەن بىللە بولغاچ، ئۇلار تاغلىق يۇرتنى مەغلۇپ قىلىپ ئالدى؛ لېكىن جىلغىدىكىلەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلىۋېتەلمىدى.