TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:25

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش).

بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛

ھەشبون رايونىدىكى ئېتىزلار، سىبماھدىكى ئۈزۈم تاللىرىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ؛ ئەللەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سەرخىل ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇپ چەيلەيدۇ؛ ئۇلار ئەسلىدە يائازەرگىچە يېتىپ، چۆل-دالالارنى كەزگەنىدى؛ پېلەكلىرى سوزۇلۇپ، «[ئۆلۈك] دېڭىز»نىڭ نېرىسىغا يەتتى.  

چۈنكى نالە-پەريادلار ھەشبوندىن كۆتۈرۈلۈپ، ياھازغىچە ۋە ئېلېئالاھغىچە يېتىدۇ؛ نالە ئاۋازلىرى زوئاردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھورونائىمغىچە ۋە ئەگلات-شېلىشىياغىچە يېتىدۇ؛ ھەتتا نىمرىمدىكى سۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ.   

سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى.

ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛