TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 1:28

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سىلەر قايتىپ كېلىپ پەرۋەردىگار ئالدىدا يىغا-زار كۆتۈردۈڭلار، ئەمما پەرۋەردىگار پەريادىڭلارنى ئاڭلىمىدى، يا ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى.

بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟

ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.

ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرگىلى تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىدى؛ ئۇلار يولىدىن يېنىپ، ئىنتىلىپ تەڭرىنى ئىزدىدى؛

قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.

ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن.

ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ.

شۇنداق بولدىكى، مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا ئۇلار ئاڭلاشنى رەت قىلغاندەك، ئۇلار چاقىرغاندا مەنمۇ ئاڭلاشنى رەت قىلدىم» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار،

لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.

تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر.