ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 10:4
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر.
ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر.
ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، چىڭ تۇرۇپ تەۋرەنمەس بولۇڭلار، رەبنىڭ خىزمىتىدىكى ئىشلىرىڭلار ھەمىشە كەڭ زىيادىلەشسۇن؛ چۈنكى رەبدە بولغان ئەجىر-جاپايىڭلار ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى،