TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 12:24

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار.

يەروبوئام قاۋۇل قەيسەر يىگىت ئىدى؛ سۇلايمان يىگىتنىڭ ئىشچان ۋە چاققان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ جەمەتىگە بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئۈستىگە قويدى.

ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر.

ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار.

ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.

مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن ئۆتتىم، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقى يېنىدىن ماڭدىم،

ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش، ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە.