TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:17

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.

شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.

مەن ئاۋۋال سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەردە ئەخمەقلىقنى كۆرگەنمەن؛ ئۇلار بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى ئازدۇرغان؛

مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» ــ دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ ــ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن.  

ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر.

شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز.

ۋە سەن كۆپ گۇۋاھچىلار ئالدىدا مەندىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ھەم ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغىمۇ تەلىم بېرەلەيدىغان ئادەملەرگە ئامانەت قىلغىن.