TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:9

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن مېنىڭ نامىمنىڭ شۇ يەردە بولۇشىغا ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا، مېنىڭ ئالدىمدا قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ھەمىشە يورۇق بىر چىراغ بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرەي.   

يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟ [خۇدا] غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟

ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛

لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ.

پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنى پۇت-قوللىرىدىن باغلاپ، تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.