TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:16

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

چۈنكى ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەھرى ناداننىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.

ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما، دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت.

تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار.

ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار.

ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.

كىم [پادىشاھنىڭ] پەرمانىنى تۇتقان بولسا ھېچ يامانلىقنى كۆرمەيدۇ؛ دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ھەم پەيتنى ھەم يولنى پەملىيەلەيدۇ.

بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم.

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!   

بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.

كىم ئەمرلىرىمگە ئىگە بولۇپ ئۇلارنى تۇتسا، مېنى سۆيگۈچى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيگۈچىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن».

سۈننەتلىك بولۇش ھېچنەرسە ھېسابلانماس، سۈننەتسىز بولۇشمۇ ھېچنەرسە ھېسابلانماس؛ [ھېساب بولىدىغىنى] خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.

ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!