TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:18

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق، ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر.

سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۆيى بولسا تەھتىسارانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر، ئادەمنى «ھالاكەت مېھمانخانىسى»غا چۈشۈرۈش يولىدۇر.  

ھەققانىيسىزلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئالدىنىپ كەتمەڭلار! بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىنا قىلغۇچىلار، بەچچىۋازلار، باشقا ئەرلەر بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار،

چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ.

شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.