TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:22

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن پەيدىنپەي ھەيدەيدۇ؛ سەن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىۋېتەلمەيسەن؛ بىراقلا يوقىتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دالادىكى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئۈستۈڭگە باستۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن.

پەرۋەردىگار مۇنداق كىشىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بىلەن ئوتلۇق قەھرى تۈتۈندەك شۇ كىشىگە چۈشىدۇ؛ بۇ كىتابتا پۈتۈلگەن ھەممە لەنەتلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

[دېمەك]، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ [دەيدۇ].

چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛

«قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ.