TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇلار شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەرز قىلىپ: ــ «بۇ ئوغلىمىز باشباشتاقلىق ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سۆزىمىزنى ئاڭلىماي يۈرىدۇ؛ ئۇ نەپسى يامان، شارابخور بولۇپ قالدى» دەپ ئېيتسۇن.

تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس.

ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ.

ئەي، ھاراقكەشلەر، ئويغىنىپ قاتتىق يىغلاڭلار، ھۇۋلىشىڭلار، ئى شاراب ئىچكۈچىلەر، يېڭى شاراب تۈپەيلىدىن ــ چۈنكى ئۇ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلاندى.

ئوغرىلار، نەپسانىيەتچىلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ياكى ئالدامچى-كاززاپلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ؛

ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر.