TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:24

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى بولسا شەكەم ۋە ئاتىسى ھامورغا ھىيلە-مىكىر بىلەن جاۋاب بەردى، چۈنكى ئۇ سىڭلىسى دىناھنىڭ ئىپپىتىگە تەگكەنىدى؛

لېكىن ئابشالوم: ئەگەر بېرىشقا ئۇنىمىسىلا، ئاكام ئامنوننى بىز بىلەن بارغىلى قويسىلا، ــ دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: نېمىشقا ئۇ سېنىڭ بىلەن بارىدۇ؟» ــ دەپ سورىدى.

يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى.

پەرۋەردىگار بارلىق خۇشامەتچى لەۋلەرنى، ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەيدىغان تىلنى كېسىۋەتكەي!

بىرسى مېنى كۆرگىلى كەلگەن بولسا، ئۇ ئالدامچى سۆزلەرنى قىلىدۇ؛ ئۇلار كەينىمدىن كۆڭلىدە شۇملۇق توپلاپ، ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ شۇ ئىشلارنى تارقىتىپ پو ئاتىدۇ؛

يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار.

ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر.

ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.