ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:26
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى،
«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!».
ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛ چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن.
پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ بىراق دانا كىشى [ئۇنىڭ غەزىپىنى] تىنچلاندۇرار.
تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر.
پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ.
ئەمما مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛
چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر.