شۇڭا دېدەكلىرى، غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئاراملىق بېرەر، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلى بىلەن بىللە بولغاي!
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:5
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ.
ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
ئايال كۆپ شېرىن سۆزلىرى بىلەن راسا قىزىقتۇردى، چىرايلىق گەپلىرى بىلەن ئۇنى ئەسىر قىلىۋالدى.
ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ، كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ.
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى.
چۈنكى سىلەر بىلگەندەك بىز ھېچقايسى ۋاقىتتا ئاراڭلارغا خۇشامەتچىلىك بىلەن ۋە ياكى تاماخورلۇققا نىقاب تاقاپ كەلمىدۇق ــ (بۇ ئىشتا خۇدا بىزگە گۇۋاھچىدۇر ــ