TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:12

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاندىن مىكاھ: ــ بىر لاۋىي كىشى ماڭا كاھىن بولغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلىدىغىنىنى بىلىمەن، ــ دېدى.

«مەن ھېچ ئىتائەتسىز بولماي پاك بولىمەن؛ مەن ساپ، مەندە ھېچ گۇناھ يوق...

مېنى قەبىھلىكىمدىن يىلتىزىمغىچە يۇۋەتكەيسەن، گۇناھىمدىن مېنى تازىلىغايسەن.

ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛ لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.  

ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ، پاكلىنىڭلار؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلىڭلار، رەزىللىكنى قىلىشتىن قولۇڭلارنى ئۈزۈڭلار؛

چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟

بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن!  

لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر.

پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر!

سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر.  

(ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن) يېڭىدىن تۇغۇلۇشتا يۇيۇشلىرى ۋە مۇقەددەس روھتا يېڭىلىشى ئارقىلىق ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى؛  

ۋە سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، جاھاندىكى پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي. ئەمدى بىزنى سۆيگۈچى، يەنى ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يۇغان