TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:15

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

يەر-زېمىن ئۈچ نەرسە ئاستىدا بىئارام بولار؛ ئۇ كۆتۈرەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ

قەدەملىرى ھەيۋەتلىك ئۈچ جانىۋار بار، كىشىگە زوق بېرىپ ماڭىدىغان تۆت نەرسە بار: ــ

بىراق سەنلەر، ئى جادۇگەر ئايالنىڭ بالىلىرى، زىناخور بىلەن پاھىشە ئايالنىڭ نەسلى؛ بۇياققا يېقىن كېلىڭلار؛

ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «گازا شەھىرىنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇلار ئېدومغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە، بارلىق تۇتقۇنلارنى ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى.  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئېدومنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ بارلىق رەھىم-شەپقەتنى تاشلىۋېتىپ، قىلىچ بىلەن ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان؛ ئۇ يىرىلغۇدەك غەزەپتە بولۇپ، دەرغەزىپتە بولغان ھالىتىنى ھەمىشە ساقلايدۇ؛

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى.

رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.  

ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى. ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەگەر ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!

بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.

شۇنداقلا ئۆز ھەققانىيسىزلىقىغا تۇشلۇق جازانىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئۇلار [سىلەرگە] نومۇس ۋە داغ كەلتۈرۈپ سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئۆز مەككارلىقلىرىدىن زوقلىنىدۇ.