مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 31:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۇلار بىلەن گەپلىشىپ تۇرغىنىدا، راھىلە ئاتىسىنىڭ قويلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى ئۇ قوي باققۇچى ئىدى.
موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛
پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك-كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى.
چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ.