ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:19
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار نۇرسىزلاندۇرۇلۇپ قاراڭغۇلۇقتا يولنى سىلاشتۇرىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مەست بولۇپ قالغان كىشىدەك گالدى-گۇلدۇڭ ماڭدۇرىدۇ.
ئۇ يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيادىن ھەيدىۋېتىلىدۇ.
يەنى توغرا يولدىن چەتنىگەنلەردىن، قاراڭغۇ يوللاردا ماڭىدىغانلاردىن،
ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز.
ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار!
ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.
لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
لېكىن قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر؛ ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋەتكەن.