ئۇ ئورنىدا ياتقاندىمۇ گۇناھنى كۆزلەيدۇ؛ ئۇ دۇرۇس بولمىغان يولغا مېڭىشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ يامانلىقتىن ھېچ نەپرەتلەنمەيدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:14
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
رەزىللىك قىلىشنى ھۇزۇر كۆرىدىغانلاردىن، يامانلىقنىڭ زىيانلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغانلاردىن،
چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر، لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر.
يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.
جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر.
ئەسكىلىكنى نىيەتلىگەن ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلار.
بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛ ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ، مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن، يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر.
ئورنىدا يېتىپ قەبىھلىكنى ئويلايدىغانلارغا ۋە يامانلىق ئەيلىگۈچىلەرگە ۋاي! پەقەت ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلسىلا، ئۇلار تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۇنى ئادا قىلىدۇ؛
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.