TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 36:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟

شۇنداق قىلىپ، يەشۇئا ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇلارنى تىرىك قويۇشقا ئۇلار بىلەن ئەھد باغلىدى؛ جامائەت ئەمىرلىرىمۇ ئۇلارغا قەسەم قىلىپ بەردى.

پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى (گىبېئونلۇقلار ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئامورىيلارنىڭ بىر قالدىسى ئىدى. ئىسرائىل ئەسلىدە ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىپ قەسەم ئىچكەنىدى؛ لېكىن سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدالارغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەنىدى).  

پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى: ــ ئاۋۋال، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى.

ئاتا-بوۋاڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنىڭ سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارغا بېقىنىڭلار، ئۇ مەڭگۈگە ئۆزىگە خاس دەپ ئاتىغان مۇقەددەسخانىغا كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار.

لېكىن ئۇلار، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەغرۇلىنىپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى.

سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا قايتىشقا ئاگاھلاندۇردۇڭ؛ لېكىن ئۇلار مەغرۇرلىنىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، ھۆكۈملىرىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدى (ئىنسان ھۆكۈملىرىڭگە ئەمەل قىلسا، ئۇلار شۇ سەۋەبتىن ھاياتتا بولىدۇ). ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، گەدەنكەشلىك قىلىپ ساڭا قۇلاق سېلىشنى رەت قىلدى.   

چۈنكى مەن سېنىڭ جاھىللىقىڭنى، بوينۇڭنىڭ پەيلىرىنىڭ تۆمۈر، يۈزۈڭنىڭ داپتەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم؛

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ

ئەينى چاغلاردا ئۇنى غەزەپلەندۈرۈپ، چۆل-باياۋاندا ئۇنى سىنىغان كۈنىدىكىدەك، يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار!